2021-يىلىنىڭ ئىسسىق ياز پەسلىدە، رېكورت ياراتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن كېيىن، شىمالىي يېرىم شار سوغۇق قىش پەسلىنى باشلىدى، ھەتتا يەر شارىدىكى ئەڭ ئىسسىق جايلارنىڭ بىرى بولغان سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىمۇ نۇرغۇن قار ياغدى. يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي يېرىم شار قاتتىق ئىسسىقنى باشلىدى، غەربىي ئاۋسترالىيەدە تېمپېراتۇرا 50 سېلسىيە گرادۇسقا يەتتى، ئانتاركتىكادىكى غايەت زور مۇز تاغلىرى ئېرىپ كەتتى. ئۇنداقتا يەر شارىغا نېمە بولدى؟ ئالىملار نېمە ئۈچۈن ئالتىنچى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك يوقىلىش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەيدۇ؟
يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن، سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق ۋە ئىسسىق. بۇ رايوننىڭ يېرىمى يىللىق يامغۇر مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن ئاز، بەزى رايونلاردا ھەتتا بىر قانچە يىلدىن بۇيان يامغۇر ياغمايدۇ. بۇ رايوننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گرادۇسقىچە، يازلىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئۇدا بىر قانچە ئاي 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، ئەڭ يۇقىرى خاتىرىلەنگەن تېمپېراتۇرا ھەتتا 58 سېلسىيە گرادۇسقىچە يېتىدۇ.
لېكىن بۇنداق ئىسسىق ۋە قۇرغاق رايوندا بۇ قىشتا قار ئاز ياغدى. شىمالىي سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى ئەين سېفرا دېگەن كىچىك بازاردا بۇ يىل يانۋاردا قار ياغدى. ئالتۇن رەڭلىك قۇملۇقنى قار قاپلىغان ئىدى. بۇ ئىككى رەڭ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەنزىرە ئالاھىدە ئۆزگىچە ئىدى.
قار ياغقاندا، شەھەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى -2 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالغان، بۇ ئىلگىرىكى قىشلاردىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىدىن بىر قانچە گرادۇس تۆۋەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 42 يىلدا شەھەردە تۆت قېتىم قار ياغقان، ئەڭ دەسلەپكىسى 1979-يىلى، ئەڭ ئاخىرقىسى ئۆتكەن ئالتە يىلدا ئۈچ قېتىم.
قۇملۇقتا قار يېغىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، گەرچە قىشتا قۇملۇق ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما قۇملۇق ناھايىتى قۇرغاق، ھاۋادا ئادەتتە سۇ يېتەرلىك بولمايدۇ، يامغۇر ۋە قارمۇ ئاز ياغىدۇ. سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىكى قار يېغىش كىشىلەرگە يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئەسلىتىدۇ.
رۇسىيەلىك مېتېئورولوگ رومان ۋىلفاننىڭ ئېيتىشىچە، سەھرايى كەبىردە قار ياغقان، شىمالىي ئامېرىكىدىكى سوغۇق دولقۇنلار، رۇسىيە ۋە ياۋروپادا ھاۋارايى ئىنتايىن ئىللىق بولغان، غەربىي ياۋروپادا قاتتىق يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىل نورمالسىز ھاۋارايىنىڭ يۈز بېرىشى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىكەن.
جەنۇبىي يېرىم شاردا ھازىر يەر شارى ئىسسىپ كېتىشنىڭ تەسىرىنى بىۋاسىتە كۆرگىلى بولىدۇ. شىمالىي يېرىم شار يەنىلا سوغۇق دولقۇنغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە، جەنۇبىي يېرىم شار ئىسسىق دولقۇنغا دۇچ كەلدى، جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتتى. غەربىي ئاۋسترالىيەدىكى ئونسلوۋ شەھىرىدە 50.7 سېلسىيە گرادۇسلۇق ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا خاتىرىلىنىپ، جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئىسسىقلىق گۈمبەز ئېففېكتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىسسىق، قۇرغاق ۋە شامالسىز يازدا، يەردىن كۆتۈرۈلگەن ئىسسىق ھاۋا تارقىلىپ كېتەلمەيدۇ، بەلكى يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ يۇقىرى بېسىمى بىلەن يەرگە قىسىلىپ، ھاۋانىڭ بارغانسېرى قىزىشىغا سەۋەب بولىدۇ. 2021-يىلى شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە ئىسسىقلىق گۈمبەز ئېففېكتىدىن كېلىپ چىققان.
يەر شارىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەت ئۈمىدۋار ئەمەس. 2017-يىلى، ئانتاركتىكىدىكى لارسېن-C مۇز قەۋىتىدىن A-68 نومۇرلۇق غايەت زور مۇز تاغ ئايرىلدى. ئۇنىڭ كۆلىمى 5800 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۇ شاڭخەي رايونىغا يېقىن.
مۇز تاغ پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ جەنۇبىي ئوكياندا ئېقىپ يۈردى. ئۇ بىر يېرىم يىل ئىچىدە 4000 كىلومېتىر يىراقلىققا ئېقىپ باردى. بۇ مەزگىلدە، مۇز تاغ داۋاملىق ئېرىپ، 152 مىليارد توننا تاتلىق سۇ قويۇپ بەردى، بۇ 10600 غەربىي كۆلنىڭ سۇ ساقلاش سىغىمىغا باراۋەر.
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن، كۆپ مىقداردا تاتلىق سۇ بىلەن تولغان شىمالىي ۋە جەنۇبىي قۇتۇپلارنىڭ ئېرىشى تېزلىشىۋاتىدۇ، بۇ دېڭىز سەۋىيەسىنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئوكيان سۈيىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى يەنە ئىسسىقلىق كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئوكياننىڭ چوڭىيىشىغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئالىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەر شارى دېڭىز سەۋىيەسى ھازىر 100 يىل ئىلگىرىكىدىن 16 سانتىمېتىردىن 21 سانتىمېتىرغىچە يۇقىرى بولۇپ، ھازىر يىلىغا 3.6 مىللىمېتىر سۈرئەتتە ئۆرلەۋاتىدۇ. دېڭىز سەۋىيەسى داۋاملىق ئۆرلەۋاتقاندا، ئاراللار ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئېروزىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇ يەردىكى ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا تەھدىت سالىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرى تەبىئەتتىكى ھايۋاناتلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىغا بىۋاسىتە تاجاۋۇز قىلىپ ياكى ھەتتا ۋەيران قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىد، مېتان ۋە باشقا پارنىك گازلىرىنى قويۇپ بېرىپ، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ئېغىر كىلىمات ئۆزگىرىشلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ.
ھازىر يەر شارىدا تەخمىنەن 10 مىليون تۈر جانلىق ياشاۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. ئەمما ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىردە، 200 مىڭغا يېقىن تۈر يوقىلىپ كەتكەن. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، يەر شارىدىكى تۈرلەرنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى يەر شارى تارىخىدىكى ئوتتۇرىچە سۈرئەتتىن تېز بولۇپ، ئالىملار ئالتىنچى قېتىملىق چوڭ يوقىلىش يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
يەر شارىدا ئۆتكەن يۈز مىليون يىللاردا، چوڭ-كىچىك ئون نەچچە خىل تۈرلەرنىڭ يوقىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە بەش قېتىملىق ئىنتايىن ئېغىر كۆلەمدە يوقىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ قىسىم تۈرلەرنىڭ يەر شارىدىن يوقىلىشىغا سەۋەب بولدى. ئىلگىرىكى تۈرلەرنىڭ يوقىلىش ۋەقەلىرىنىڭ ھەممىسى تەبىئەتتىن كەلگەن، ئالتىنچىسى ئىنسانلارنىڭ سەۋەبى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر بىز يەر شارىدىكى تۈرلەرنىڭ %99 ى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش يوقىلىپ كېتىشنى خالىمىساق، ئىنسانىيەت ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.
ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى
